خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، يەنى قەمەرىيە توخۇ يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت تىلىدى ھەم ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك، ساغلام بولۇشىنى تىلىدى.
24-يانۋار شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى، ئۆلكە باشلىقى جاڭ چىڭۋېينىڭ ھەمراھلىقىدا جاڭجياكۇ شەھىرىنىڭ جاڭبېي ناھىيەسىدىكى يېزىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش چارىلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ جاڭبېي ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاپئاق قار كېچىپ شياۋئېرتەي بازىرىنىڭ دېشېڭ كەنتىگە كەلدى. بۇ بىر نامرات كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 413 ئائىلىنىڭ 212 سى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئىدى. 400 كىلوۋاتلىق كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېنىدا، شى جىنپىڭ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش ۋە ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تورغا ئۇلىنىپ توك تارقىتىش كىرىمى ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 3000 يۈەن كۆپەيتەلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بەك خۇش بولۇپ، بۇنداق ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى