- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ
2017.02.04 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 2017-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى بۈگۈن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شۇ چاغدا كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى بېيجىڭ شەھىرى فۇشىڭ يولى 11B-نومۇردىكى «مېيدىيا» مەركىزىدە ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى خىزمەتلەرنى رەسمىي قانات يايدۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر