باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشى بويىچە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز مەنزىلگاھ بولۇپ قالدى

«تۇنىيۇ»، «جيېچىڭ» تورى سانلىق مەلۇمات دوكلاتىدىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە نەزەر

2017.02.03 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: 1-ئاينىڭ بېشىدا، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئىستىراھەت ساياھىتى زاكاس قوبۇل قىلىش سۇپىسى بولغان «تۇنىيۇ» تورى ۋە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تور ساياھىتى شىركىتى «جيېچېڭ ساياھەت گۇرۇھى» تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى مەملىكەت بويىچە ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە بىرىنچى، ئىستېمال سەۋىيەسى جەھەتتە ئىككىنچى بولغان. بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىگە ئېلىنىپ، ساھە بويىچە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  «ئۈچىنچى تەرەپ كەسپىي سانلىق مەلۇمات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى مەملىكەت بويىچە ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە بىرىنچى، ئىستېمال سەۋىيەسى جەھەتتە ئىككىنچى بولدى. بۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.»- شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ جاۋپىڭ شۇنداق دېدى.

  ياڭ جاۋپىڭ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: « تور + ئاۋام ساياھىتى» دەۋرىنىڭ قوشلاپ يېتىپ كېلىشى بىلەن ، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياج تور ساياھەت بازىرىنى بارا-بارا يېتىلدۈرىدۇ ۋە تېزلا زورايتىدۇ. شىنجاڭلىقلارنىڭ سىرتقا ساياھەتكە چىقىش ئېڭى بارغانسىرى كۈچەيدى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تارتىش كۈچىمۇ ئوخشاشلا بارغانسىرى كۈچەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر