باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى: باش باھارنىڭ 3-فېۋرالدا كىرىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ

ئالدىنقى قېتىم بۇنىڭدىن 120 يىل بۇرۇن كۆرۈلگەن

2017.02.03 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش باھار 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى تۇنجى مەۋسۇم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە باش باھار ئادەتتە 4-فېۋرال كىرىدۇ، لېكىن بۇ يىل باش باھار 3-فېۋرال كىردى. ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: باش باھارنىڭ 3-فېۋرالدا كىرىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئالدىنقى قېتىم 1897-يىلى يەنى بۇنىڭدىن 120 يىل بۇرۇن كۆرۈلگەن، كېيىنكى قېتىم 2021-يىلى كۆرۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، 24 مەۋسۇم قۇياشنىڭ ئېكلىپتىكا(يەنى يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى)دىكى ئورنىغا ئاساسەن ئايرىلغان. قۇياشنى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسى(ئېكلىپتىك ئۇزۇنلۇقنىڭ نۆل نۇقتىدىن يولغا چىقىشى، بۇ ۋاقىتتا قۇياش نۇرى ئېكۋاتورغا تىك چۈشىدۇ)دىن يولغا چىقتى دەپ قارىساق، ھەر 15 گىرادۇس بىر مەۋسۇم بولىدىكەن؛ بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىغا قايتىپ، بىر تىروپىك يىلى بولىدىكەن، جەمئىي 360 گىرادۇس ئايلانغاچقا 24 مەۋسۇمگە ئايرىلغانىكەن.

  جۇڭگو ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى شى جىچېڭ مۇنداق دېدى: بىر تىروپىك يىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 365.2422 كۈن، شۇڭا ھەر بىر مەۋسۇمنىڭ مىلادىيە كالېندارىدىكى ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 15.25 كۈن، ئۇنىڭ باشلىنىش كۈنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم. لېكىن قۇياشنىڭ يىللىق كۆرۈنۈش ھەرىكىتى تەكشى ئەمەس، شۇنداقلا ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئادەتتىكى يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن، شۇڭا مەۋسۇمنىڭ كونكرېت ۋاقتىدىمۇ ئازراق ئۆزگىرىش بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر