باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.02.04 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 2- ئاينىڭ 3-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سوئال: ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار پوزىتسىيەسى قاتتىق بولماقتا. ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى باننون بۇلتۇر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا چوقۇم بىر ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. سىز بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىسىز؟

  جاۋاب: بىز بۇ مەسىلىگە ئاللىقاچان جاۋاب بەرگەن. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئىزچىل. جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە شۇ ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورتاق قوغداشقا تىرىشىدۇ. بىز ئالاقىدار رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىنى ھۆرمەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم ۋە بىخەتەر ۋەزىيىتىىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەممە تەرەپكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر