باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنى دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى خاتا سۆزلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2017.02.04 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 3-فېۋرال مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئاتالمىش «ئامېرىكا-ياپونىيە ئامانلىق ساقلاش شەرتنامىسى»نىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھەققانىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. لۇكاڭ ئامېرىكىنى دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى خاتا سۆزلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە «ئامېرىكا-ياپونىيە ئامانلىق ساقلاش شەرتنامىسى»نىڭ دياۋيۈ ئارىلىغىمۇ تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ بۇرمىلىغىلى بولمايدىغان تارىخىي پاكىت. ئاتالمىش «ئامېرىكا-ياپونىيە ئامانلىق ساقلاش شەرتنامىسى» سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىنىڭ مەھسۇلى، بۇ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە نورمال مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

  لۇ كاڭ: «بىز ئامېرىكا تەرەپنى مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خاتا سۆزلەرنى ئېلان قىلىشنى توختىتىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ، رايون ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر