خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 24- كۈنى, شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، گو كەي (سولدىن بىرىنچى)، گو كەينىڭ ئايالى لو چىپىڭ (سولدىن تۆتىنچى) ۋە رىزۋانگۈل (سولدىن ئۈچىنچى) بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان رىزۋانگۈل ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ «تۇغقىنى» گو كەينىڭ ئۆيىگە ھال سوراپ يوقلىغىلى كەلدى. ئىككى ئاي بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 12- دېۋىزىيە شۆبىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو كەي «بىرگە بىر» قوشماقلىشىش پائالىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى داپۇگۇ مەھەللىسىدىكى رىزۋانگۈل ئائىلىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى