- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تىجارەت زالىدىكىلەر ھەر كۈنى سائەت 11دىن 14:30غىچە ئىشلەيدۇ
چاغاندا توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خىزمەتچىلىرى 24 سائەت مۇقىم تۇرىدۇ
2017.01.26 14:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى:چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ئېلېكتىر تىجارەت زالىدىكىلەر ھەر كۈنى سائەت 11دىن 14:30غىچە نورمال ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش كەسپىنى بېجىرىدۇ. تىجارەت زالى سىرتىدىكى ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالى 24 سائەت ئوچۇق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى خالىغان ۋاقىتتا پۇل تاپشۇرالايدۇ.
25- يانۋار، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 27-يانۋاردىن باشلاپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىدە 24 سائەت ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن، چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى رايونى دائىرىسىدە توك توختىتىلىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنمايدىكەن. چاغان مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى توك توختاپ قېلىش ئەھۋالىغا يولۇقسا، 95598 كە تېلېفون بېرىپ مەلۇم قىلسا بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر