باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايونىمىز كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ

ئۈرۈمچىدە ھەپتە ئاخىرىدا قار ياغىدۇ

2017.02.03 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: چاغانلىق دەم ئېلىشتا «دەم ئالغان» سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تۆتىنجى فېۋرالدىن باشلاپ قايتا خىرىس قىلىدۇ.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە چوڭ كۆلەمدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش ۋە شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. يول تىرانسپورتىغا بولىدىغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا قار شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن ئەڭ يېڭى ھاۋا رايىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دۇ شىنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، قار توختىغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتورا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا سوغۇقتىن مۇداپىيەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، ئۈرۈمچىدە تۆتىنچى فېۋرال كەچتىن بەشىنچى فېۋرال كەچكىچە روشەن بولغان تېمپېراتورا تۆۋەنلەش، قار يېغىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ئاساسىي شەھەر رايونى، مىچۈن-كۆكتاغ رايونى، شەھەرنىڭ جەنۇبى، يۇقارقى تاغ (نەنسەن) ئەتراپىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، بەزى رايونلاردا پەۋقۇلئاددە قېلىن قار ياغىدىكەن، كېلەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى كۈنلىرى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتورىسى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر