خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئامېرىكا نيۇ يۇركتىكى ئىمپېرىيە بىناسىدا، جۇڭگونىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىيۆ (سولدا) ۋە ئىمپېرىيە بىناسى گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى قوشۇمچە باش تىجارەت ئەمەلدارى جون كەسىل بىرلىكتە چىراغ ياقتى.
شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىيۆ بىلەن ئىمپېرىيە بىناسى گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى قوشۇمچە باش تىجارەت ئەمەلدارى جون كەسىل ئىمپېرىيە بىناسىنىڭ «جۇڭگو قىزىلى» چىراغ يېقىش مۇراسىمىنى باشلىدى. ئىمپېرىيە بىناسىنىڭ 26- ۋە 27- يانۋار ئىككى كۈنلۈك چىراغ نۇرى نيۇيوركنىڭ ئۇپۇق سىزىقىغا جۇڭگو بايرىمى تۈسىنى قوشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى