باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پويىز بېلىتى يىتىپ كەتسە، پويىز باشلىقىنى ئىزدەپ بېلەت تولۇقلىسا بولىدۇ

2017.01.26 10:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان كېلەيلا دەپ قالدى، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتمۇ بارغانسېرى يېقىنلاشتى. يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىش يولىدا، بەزىدە پويىز بېلىتى يىتىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن يەنە پۇل چىقىرىپ بېلەت تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ياكى مۇشۇ سەۋەبلىك سەپىرىگە تەسىر يېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىن باشلاپ، يولۇچىلار ئەمدى بۇ ئىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن.

  25- يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن سېتىۋالغان پويىز بېلىتى يېتىپ كەتكەندە، تولۇقلاپ بېجىرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن، بۇ چارە يولغا قويۇلسا، يولۇچىلار زىياندىن ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىپ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر