باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى شاڭخەي كوماندىسىنى يەڭدى

2017.01.25 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھېرىپ چارچىغىنىنى تۇيمايدىغان قىرانبىكنىڭ قاتتىق مۇداپىيەسىگە قارىتا، شاڭخەي كوماندىسىنىڭ «بۈيۈك ئىلاھى» فرەدېت ئاران 25 نومۇر ئالدى، ئالدىنقى ئايلانمىدا قارشى تەرەپ مەيدانىدا لياۋنىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى بەش كىشىنىڭ نومۇرى ئىككى خانە بولدى. 2016-، 2017- مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 31-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 109:95 نەتىجە بىلەن نومۇردا ئالدىنقى ئورۇندىكى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىش سانىدا تەڭلەشتى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ماھىر بلاتچىر 20 نومۇر ئېلىپ، گاردىن قايتقان 20 توپنى تارتىۋالدى، جۇ چى ئۆز كوماندىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 21 نومۇرغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان 16 توپنى تارتىۋالدى، ئادامس، لى گېن، قىرانبىك ئايرىم-ئايرىم 21، 19 ۋە 17 نومۇر ئالدى؛ شاڭخەي تەرەپتىن، يابۇسېل پۈتۈن مەيداندا ئەڭ يۇقىرى بولغان 30 نومۇر ئالدى ھەمدە تۆت قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر