باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى شىمالىي ياۋروپا قانىلى ئېچىلدى

دوستانە ئالاقە كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىدۇ

2017.01.25 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى شىمالىي ياۋروپا قانىلى(http://nordic.people.cn/)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 23- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، خەلق گېزىتى خەلق تورىنىڭ خەلقئارالاشقان يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ تۇنجى بولۇپ شىمالىي ياۋروپانى مەخسۇس خەۋەر قىلىدىغان خەنزۇچە ئاخبارات تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىمالىي ياۋروپا قانىلى، جۇڭگولۇقلار شىمالى ياۋروپانى چۈشۈنىدىغان مۇھىم سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن شىمالىي ياۋروپا رايونىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىسلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سى دىفاڭ، دانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەي شىگې، فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما خۇەنيا، نورۋېگىيە ئەلچىسى يىن كېتىڭ، شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئوچ رۈييا ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. سودا مىنىستىرلىقى، ياۋروپا-ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو ۋە شىمالىي ياۋروپا سودا، مەدەنىيەت ۋە كارخانىچىلار ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر