باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمۇل تاموژنىسى رەسمى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى

2017.01.24 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 22-يانۋار، قۇمۇل تاموژنىسىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى قارىمىقىدىكى قۇمۇل تاموژنىسى رەسمى قۇرۇلدى.قۇمۇل تۆمۈرتام پورتى بولسا قۇمۇل تاموژنىسى تەۋەلىكىدىكى دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك پورت بولۇپ، پورت جۇڭگو-موڭغۇلىيە چېگراسىنىڭ 142- نومۇرلۇق چېگرا تېشى ئەتراپىغا جايلاشقان، قۇمۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 248 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۆمۈرتام پورتى 1991- يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن رەسمىي سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن. ھازىرغا قەدەر ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارى 9 مىليون 211مىڭ 900 توننىغا، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا قىممىتى 681 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ تاموژنا ھازىر ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا تەۋەلىكىدىكى قۇرۇقلۇق يولى تاشيولى چېگرا ئېغىزلىرى ئىچىدە، يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت مال توشۇش مىقدارى ئەڭ كۆپ تاموژنىغا ئايلاندى.

  قۇمۇلنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلىگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆمۈرتام پورتى ئېلىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستىراتېگىيەسى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ يايلاق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى كۈنسىرى گەۋدىلەندى.تۆمۈرتام پورتى ئاساسلىقى ئادەتتىكى سودا، چېگرادىكى تۆۋەن سوممىلىق سودا، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا سودىسى، مال تېگىشىش سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ، ئىمپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى ۋە كالا-قوي تېرىسى، يۇڭى قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، ئېكسپورت تاۋارلىرى بولسا تۈرلۈك كۈندىلىك بۇيۇملار، بەش خىل مېتال، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر