باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

2017.01.25 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 23- يانۋار مەمۇرى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

  تىرامپ مەمۇرى بۇيرۇقنى ئىمزالىغاندا مۇنداق دېدى: تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ئامېرىكا ئىشچىلىرى ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا بىر ياخشى ئىش.

  ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ مەمۇرى بۇيرۇقنى ئىمزالاش ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تىرامپ ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك سودانى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىدۇ.

  تىرامپ سايلام جەريانىدا تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسىپنى ۋەيران قىلدى دەپ ھۇجۇم قىلىپ، سايلامدىن كىيىن چوڭ تىپتىكى رايون سودا كېلىشىمى ئىمزالىماي، ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر