باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلىم ئاپپاراتلىرى بىرلىشىپ، قېرىلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدى

2017.01.25 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا سانت لۇئىستىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەيدە مۇنبەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قېرىلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە مەزكۇر يىغىننىڭ فوكۇسىنى جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ قېرىلىشىپ كېتىش مەسىلىسى ئېلىپ كەلگەن دۇنياۋى خىرىس ئۈستىگە توغرىلاپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنىڭ، يەنى تۈرلەردە ھەمكارلاشقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنبەر يىغىنىغا قاتناشتى .

  مۇنبەردە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، قېرىلىشىپ كېتىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. يىغىنغا قاتناشقان ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار تۈرلار ئارقىلىق ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، قېرىلىشىپ كېتىش مەسىلىسى قاتارلىق دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر