باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئائىلە زوراۋانلىقىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى

2017.01.25 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە دۆلەت دۇماسى 11-يانۋار قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ئېغىر جىسمانىي زەربىگە ئۇچراش ۋەقەسىنى پەيدا قىلمىغان ياكى جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراشتەك ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارىتا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچىغا چىققان كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە زوراۋانلىقى قانۇنلۇق قىلىنغان، يېنىك دەرىجىدە زوراۋانلىق قىلغۇچىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ رۇبلى جەرىمانە ئېلىش ياكى ئۇنىڭغا 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىش بەلگىلەنگەن.

  بۇ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرغۇچى ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىدى. رۇسىيە بەلباغ خەۋەرلەر تۇرىدا مۇنداق دېيىلدى: قارشى تۇرغۇچىلار 28-يانۋار موسكۋا شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق موسكۋا دائىرىلىرى قاتناشقا تەسىر يەتكۈزۈشنى باھانە قىلىپ، شەھەر مەركىزىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئېنىق رەت قىلغان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر