باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلماقچى بولغان گۇماندارلارنى قولغا چۈشۈردى

2017.01.25 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: گېرمانىيە ساقچى تەرەپ يېقىندا بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئىشتات بولغان نوردىريىن ۋېستىفالىندا 21 ياشلىق بىر گۇمانلىق ئەرنى قولغا چۈشۈرگەن، سوت مەھكىمىسى 22-يانۋار بۇ ئەرنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئىلىش توغرىسىدا رەسمىي بۇيرۇق چىقارغان.

  تەكشۈرگۈچى خادىملار مۇنداق دەپ ھېسابلىغان: قولغا ئېلىنغۇچى ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترىيەنىڭ ۋېيىنادا قولغا ئىلىنغان بىر گۇماندار بىلەن ئالاقىسى بار بولۇپ، كېيىنكى گۇماندارمۇ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان دەپ گۇمان قىلىنغان.

  شمالى نوردىريىن ۋېستىفالىندىكى تەكشۈرگۈچى خادىملار، يۇقىرىقى ئىككى گۇماندار ئىجتىمائىي تور بېكىتىدە تونۇشقان دەپ ھېسابلىدى. سوراق قىلىش جەريانىدا نېئۇسسدا قولغا ئىلىنغان گۇماندار ئىسلام ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى، بىراق ئىسلام دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. تەپتىش تەرەپ، بۇ كىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى داۋاملىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر