باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

2017.01.25 16:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسى 1 - ئاينىڭ 21 -، 22 - كۈنى يېرىم كۈندىن ۋاقىت ئاجرىتىپ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئۆلچەم، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما قىلىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى تەلىپىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى سىياسىيدا، ئىنتىزام ئىجراسىدا، ئەخلاقتا، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا لاياقەتلىك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە مىزان» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»غا سېلىشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتنىشىپ پارتكوم بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسى ئەزالىرى يىغىندىن بۇرۇن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، «پارتىيە نىزامنامىسى» ۋە «مىزان»، «نىزام» قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، بەنزىنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە شەخسلەرنىڭ سۆز ئورگىنالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى.

  يىغىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش لى نىڭپىڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى. ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، بىر - بىرىنى تەنقىد قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئىچىدە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنى جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ئېچىش ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايون بويىچە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى بېكىتتى، بۇ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۆھرەت زاكىر بۇ پائالىيەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمەن ئىدىيەۋى تونۇشى باش نىشان بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش، تېز يېڭىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئادەم تاللاش - ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، جەزمەن پارتىيەگە سەمىمىي - سادىق بولۇش؛ پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش؛ پاك - تەلەپچان بولۇش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش؛ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش؛ پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر