باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى رۇسىيەدىن ئۇچۇپ سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى

2017.01.25 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيەنىڭ تۇ- 22MZ بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىك ئالتە بومباردىمانچى ئايروپىلانى 23- يانۋار رۇسىيە تەۋەسىدىن ئۇچۇپ، ئىراق بىلەن ئىراننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى دەيزۇردىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىنى، ھەربىي ئوق دورا ئىسكىلاتىنى بومباردىمان قىلىپ، ئالدىن بېكىتىلگەن بارلىق نىشانلارنى ۋەيران قىلغان، ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن، رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئۆزىنىڭ بازىلىرىغا قايتىپ كەلگەن.

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى يېقىندا دەيزۇ ئۆلكىسىدە شىددەتلىك توقۇنۇشتى. دەيزۇ ئۆلكىسى ئىراق بىلەن چېگرالىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، سۇرىيەنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. نۆۋەتتە ئىسلام دۆلىتى بۇ ئۆلكىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھەر يىلى نېفىت ئەتكەسچىلىكى ئارقىلىق زور مىقداردا مەبلەغكە ئېرىشمەكتە.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر