باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆكتىچىلەرنى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى قانات ئاستىغا ئالدى دەپ ئەيىبلىدى

2017.01.25 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جافارى 23- يانۋار قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە سۆز قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان بۇي سۇندۇرۇش فىرونتىنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى 23- يانۋار ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەشتى. جافارى شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇي سۇندۇرۇش فرۇنتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇنىڭغا قارتا ھەربىي ھەرىكەت قوللانماقتا، بىراق سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار بۇي سۇندۇرۇش فىرونتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ قارىمىدى. ئۇندىن باشقا، جافارى يەنە ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر