- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى
2017.01.25 14:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى ۋە كەسىپ يىللىق سوممىسىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى چۈشۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئارا يۆتكىلىشى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلار ئارا يۆتكەلگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرىشى ۋە ئالاقىدار تەمىناتىغا مۇناسىۋەتلىك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر