- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۈگۈر ناھىيەسى مەملىكەتلىك باغۋارانلاشقان ناھىيە بازىرى نامزاتىغا كىردى
2017.01.25 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىب تۇرسۇن خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتىدىن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ 2017- يىللىق مەملىكەتلىك «باغۋارانلاشقان ناھىيە بازىرى نامزاتى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىدەك خۇش-خەۋەر تارقالدى.
بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەر بازىرىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىش ۋە قوغداشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قىسمى قاتارىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشنى يىلمۇ - يىل ئاشۇرۇپ، «تىنچ، ئېكولوگىيەلىك، ساغلام، بەختلىك» بۈگۈر قۇرۇپ چىقىشتا باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇردى.
نۆۋەتتە، ناھىيە بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 8.05 كىۋادرات كىلومېتىرغا، ناھىيە بازىرىنىڭ نوپۇسى 45 مىڭ 400غا، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35.22كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمى 14.54 كىۋادرات مېتىرغا، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %90.48كە، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %98.13كە يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر