خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «باش نىشاننى چۆرىدەپ، يېڭى سەھىپىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقايلى» باش تېىمىسىدىكى 2017-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 24-يانۋار ئونسۇ ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىكتە ناھىيەلىك «تۆمۈر چۇقا» ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى، دېھقان سەنئەتكارلار ھەم ھەر قايسى ئىدارە-ئورۇنلار ئورۇنلىغان سەرخىل نومۇرلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۈرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى