باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىدى

ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىغا تام قوپۇرۇلىدۇ

2017.01.26 10:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 25-يانۋار دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىدا، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىنى چىڭىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىككى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويدى ھەمدە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىغا تام قوپۇرۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ترامپ شۇ كۈنى ئامېرىكا رادىيو شىركىتى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ تامنى لايىھەلەش پىلانىنىڭ دەرھال باشلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە «بىرنەچچە ئاي ئىچىدە» تام قوپۇرۇش باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تام قوپۇرۇش خىراجىتىنىڭ ئالدى بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى مەبلىغىدىن ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى، بىراق «كېيىنرەك» تولۇقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «تۆلەم بار، مەلۇم شەكىل ئارقىلىق بولىدۇ، بەلكىم مۇرەككەپ شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن»، دېدى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر