باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى

دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى بىدئەتچىلىك پائالىيىتىگە قاتناشسا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ

2017.01.26 12:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ "تەشكىلات قۇرۇش ئارقىلىق ۋە بىدئەت تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش" قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىغا قارىتا قانۇن ماددىلىرىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا ئىزاھاتى» 25- يانۋار ئېلان قىلىندى، مەزكۇر «ئىزاھات»تا جەمئىي 16 ماددا بار بولۇپ، ئۇلار 2017- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەزكۇر «ئىزاھات»قا ئاساسەن، دۆلەت خىزمەتچى خادىمى تۇرۇپ بىدئەتچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بىدئەتچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغانلار؛ مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ بىدئەتچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغانلار دېگەندەك كىشىلەردە مەسىلە كۆرۈلسە، ئېغىر جازالىنىدۇ.

  مەزكۇر «ئىزاھات»تا يەنە مۇنۇلار ئېنىق بىلدۈرۈلدى: تەشكىلات قۇرۇش ئارقىلىق، ياكى بىدئەتچىلىك تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇنى ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇپ، قىلمىشى مەزكۇر ئىزاھاتنىڭ 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەت تۈرىگە ئۇيغۇن كەلگەن، ئەمما ھەرىكەت ئىگىسى جىنايىتىگە ھەقىقەتەن توۋا قىلىپ، بىدئەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىدئەتچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسا، ئەيىبلەنمىسىمۇ بولىدۇ ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. بۇلار ئىچىدە، قىلمىش سادىر قىلغۇچى قايمۇققان ۋە ئۇنىڭ بىدئەتچىلىك تەشكىلاتىغا قاتنىشىشى مەجبۇرىي ھالدا بولغان بولسا، جىنايەت ئۆتكۈزگەن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر