باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

شەھەر ئاھالىسى 12331غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسا بولىدۇ

2017.01.25 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى چاغانلىق بازار ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى قاتارلىق 60دىن ئارتۇق ئورۇننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك «ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى» ئۈچۈن، مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى دىڭ جېنىڭ دېيىشىچە، چاغان مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ئەگەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە مەسىلىگە يولۇقسا، خالىغان ۋاقىتتا 123331غا تېلېفون ئۇرۇپ ئەرز قىلسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر