- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم قىشتا ئېچىۋېتىلدى
2017.01.25 15:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21- يانۋار، «ئاسمان ئەينىكى، كۆك مۇزدىكى ئۇچرىشىش» باش تېما قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك سايرام كۆلى قار-مۇز بايرىمى قىشلىق ساياھەتچىلىكى باشلاندى. بۇ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قىش پەسلىدە ئېچىۋېتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
قار-مۇز بايرىمىدا، ئۆزگىچە موڭغۇلچە ناخشا-ئۇسسۇل، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش، مۇز ئۈستىدىكى ماشىنا ماھارىتى، قارلىق يەردىكى پۇتبول مۇسابىقىسى، ساليۇت كېچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەت ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ قىش پەسلىدە ئېچىۋېتىلىشى 1- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان يېڭى بىر جاينىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر