باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەسكەرتىش بەردى

چاغان مەزگىلىدە سۈرئەتنى ئاشۇرىۋېتىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك

2017.01.26 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13- يانۋار چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ ۋە خۇنەن قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلگەن ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، شۇنداقلا نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىشى دېگەندەك كوللېكتىپ ئۆلۈش-يارىلىنىشتەك كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرما چىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشنى ئەسكەرتتى.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاغاندىن بۇرۇن ۋە چاغان مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ قاتناش-يول يۈرۈشى كۆپ بولۇپ، ئېغىر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىدۇ، قاتناش ھادىسىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان خېيىم-خەتەرلەرمۇ كۆپىيىدۇ. قار ۋە تۇمانلىق ھاۋارايىغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ۋە ئېھتىيات بىلەن يول يۈرۈشى كېرەك، ئاپتوموبىللارنى بولۇپمۇ ئەتىگەندىكى ۋە يېرىم كېچىدىكى تۇمانلىق ھاۋانى ۋە مۇز كۆپ بولىدىغان مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ھەيدەش كېرەك. ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنى يوقلىغاندا، شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەككى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەڭ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەڭ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى ھاراققا زورلىماڭ، ھەرگىز ھاراق ئىچىپ ۋە مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدىمەڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر