- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى
2017.01.26 13:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، رايونلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرشىنى تەلەپ قىلدى.
«پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى: 2025-يىلىغا بارغاندا، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ شەرھلەش، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش، تارقىتىش، ئالماشتۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە، جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى، جۇڭگو سالاپىتىدىكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر