باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن ئاقسۇدا قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىدى

بالىلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇش كېرەك

2017.01.26 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن ئىككى ئاي كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئاتايىن يەنە ئاقسۇغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى موھىدىن چاۋار ئائىلىسىنى يوقلىدى.

  ئالدىنقى قېتىم تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىگە ئوخشىمىغان ھالدا، بۇ قېتىم لى پېڭشىن موھىدىن ئائىلىسىدىكى ئون ئۈچ كىشىنى ئاقسۇ شەھىرىدىن 40 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى قاراتال بازىرى يۇقارقى بوزچى كەنتىدىن شەھەرگە كېلىپ جەم بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭدىن موھىدىن ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى خۇش بولدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەتتە نەۋرىسى ئىنتايىن خۇش بولدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 12 ياشتا، ئەڭ كىچىكى ئۈچ ياشتا ئىدى.

  ئاقسۇ شەھىرىدە لى پېڭشىن موھىدىننى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ قوللىرىنى قىزغىنلىق بىلەن سىقتى ۋە كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا:« ئاكا، قانداقراق؟ قارىماققا ياخشى تۇرۇپسىز»، دېدى.«ياخشى، ياخشى، ياخشى. سىز شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ يەنە مېنى كۆرگىلى كەپسىز» - موھىدىن شۇنداق دەپ تۇرۇۋىدى، لى پېڭشىن موھىدىننىڭ ئەڭ كىچىك نەۋرىسىنى كۆتۈرۋالدى، باشقا نەۋرىلىرىمۇ كېلىپ ئۇنى ئورۇۋالدى. بالىلارنىڭ لى بوۋىسى ئامراقلىق بىلەن بىردەم بۇ بالىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويسا، بىردەم ئۇ بالىنىڭ يۈزىنى چىمداپ قوياتتى.

  قىسقىغىنە ھال – ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، لى پېڭشىن موھىدىننىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ ئولتۇردى ۋە ئۆيىنىڭ پارىڭىنى قىلىشتى. «ئىككى ئايدىن ئېشىپتۇ كۆرۈشمىگىلى، تۇرمۇشىڭلار قانداقراق؟ ئىككى شاكىچىك يەسلىگە كىردىمۇ؟ خەنزۇچىنى ئۆگەندىمۇ؟» - لى پېڭشىن كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى.

  «تۇرمۇشىمىز ھەرھالدا ياخشى، ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەن پاختا يىغىپ 3000 يۈەن كىرىم قىلدىم. ھازىر ئىككى كىچىك نەۋرەممۇ ھەقسىز قوش تىل يەسلىدە ئوقۇۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت يەنە ھەممەيلەننىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتتى». موھىدىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتتى.

  لى پېڭشىن ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بالىلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇش كېرەك».

  لى پېڭشىن يەنە يەتتە كىچىك بالىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن كىيىم ئالدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇلارغا كىيگۈزۈپ قويدى. يېڭى كىيىمنى كىيگەن موھىدىننىڭ تۆت ياشقا كىرگەن نەۋرىسى مېھرىبان مۇھەببەت بېشىنى كۆتۈرۈپ لى پېڭشىنغا قارىغان ھالدا، بالىلارغا خاس سەبى ئاۋازى بىلەن «رەھمەت بوۋا» دېدى. ئارقىدىن ئۇ بالىلار ناخشىسى «ئىككى يولۋاس»نى خەنزۇچە ئېيتىپ بەردى، ئۇ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئويناپ، كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۋەتتى.

  چۈش بولغاندا، لى پېڭشىن موھىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماق يېدى. لى پېڭشىن بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى. تاماق ئارىلىقىدا ئۇ بالىلاردىن بىرمۇ بىر ئۆگىنىشىنىڭ قانداقلىقىنى سورىدى ۋە بالىلارغا مەدەت بەردى، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى. ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈشىنى، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر