باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەنلىك ئۆلىمالار تەيۋەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىسا، ئاندىن تەيۋەن ئىقتىسادى گۈللىنىدۇ، دېدى

2017.02.03 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن رىقابەت كۈچلىرى مۇنبىرى 2-فېۋرال 2017- يىللىق چاغانلىق مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەھۋالى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىگە نەزەر سېلىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىنغا قاتناشقان ئۆلىمالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە قارىتا، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى چوقۇم ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى پائال ياخشىلىغاندىلا، تەيۋەن ئىقتىسادى ئاندىن ئاجىز ھالەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ گۈللىنىدۇ.

  تەيۋەن رىقابەت كۈچى مۇنبىرىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى شيې مىڭخۇي مۇنداق دېدى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە مەسىلە كۆپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىمۇ يوشۇرۇن مەسىلىلەر مەۋجۇد. يىڭى بىر يىلدا، تەيۋەن دۇچ كەلگەن خىرىس كۆپىيىۋاتىدۇ. «بىر كۈن ئارام ئېلىش، بىر كۈن ئىشلىمەسلىك»، «يىللىق پۇل ئىسلاھاتى» قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز قارشىلىشىشنى پەيدا قىلدى، جەمئىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتى ئىزچىل كۆپەيدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جىددىي سۇسلاشتى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ھازىرقى ھالەتنى ساقلاش» تەشەببۇسىنىڭ سايلام مەزگىلىدە سايلام بېلىتىنى قولغا كىرگۈزۈشتىكى قورالى ئىكەنلىكى نۆۋەتتە ئېنىق ئىسپاتلاندى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ئەگەر «1992-يىل ئورتاق قارىشى»نى ئېتىراپ قىلمىسا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئورتاق سىياسىي ئاساس كەمچىل بولغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئالغا سىلجىشى ئىنتايىن تەس بولىدۇ.

  شيې مىڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن مەنپەئەتىنى پارتىيە ۋە شەخس مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن تەيۋەننىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى خوراش ھالىتىدە قۇرۇق ئايلىنىشقا قايتا كىرىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر