خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگېراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون يەنە بىر يېڭى كىتاب چىقارماقچى بولدى! مەتبۇئات سودىگىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كىتابتا ھىلارىنىڭ ئۆز ھاياتىغا بولغان ئويلىنىشى، 2016-يىلى ئامېرىكا سايلام رىقابىتىدىكى كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان پىلانلىرى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.
ئامېرىكا سىمون-شۇستېر بىرلەشمە نەشرىياتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كىتاب بۇ يىل كۈزدە نەشر قىلىنىدىكەن، كىتاب ئىسمى تېخى بېكىتىلمەپتۇ. بۇ كىتابنىڭ ئىلھامى ھىلارىنىڭ نەچچە ئون يىل توپلىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن كەلگەن ئىكەن. ھىلارى نەشرىيات ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ياخشى جۈملىلەر ماڭا گۈزەل مىنۇتلارنى چىن كۆڭلۈم بىلەن تەبرىكلەشنى ئۆگەتسە ، بىمەنە ۋاقىتلاردا كۈلۈپ تۇرۇپ تاقابىل تۇرۇشنى، مۈشكۈل ۋاقىتلاردا يەنىلا بوشاشماسلىقنى ۋە ھاياتقا تېخىمۇ رازىمەنلىك بىلەن قاراشنى ئۆگەتكەن.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى