باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-فېۋرالدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

2017.02.03 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈندىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ، تېلېگراف كەسپى خېرىدارلىرى تورغا كىرىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا ھەقىقىي نام ئىشلىتىدۇ، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۈگۈندىن باشلاپ تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى خېرىدارلار بىلەن تورغا كىرىش كېلىشىمى تۈزگەندە تىجارەتچىلەر خېرىدارلاردىن كىملىكىنى چىقىرىش، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەتقىقات يۇرتى سىياسەت ۋە ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى خې شيا بۇ تېلېگراف ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھەقىقىي نام ئارقىلىق خېرىدارلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئارىسىدا سەمىمىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بۇ سىستېما ئاساسىدا باشقا گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىمۇ نومۇر ئارقىلىق بولىدۇ، بۇ ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئالايلۇق ئۈندىدارمۇ تېلېفون نومۇرى ئاساسىدا كىرگۈزۈلىدۇ.

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بېكىتكەن يېمەكلىكنى كارانتىن قىلىش تەكشۈرۈش تولۇقلىما ئۇسۇلى خىزمەت بەلگىلىمىسى بۈگۈن رەسمىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. يېمەكلىك كارانتىن قىلىش تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى يېمەكلىكنى كارانتىن قىلىش تەكشۈرۈش تولۇقلىما ئۇسۇلىنى دېلوغا چېتىشلىق يېمەكلىكلەرنى كارانتىن قىلىش تەكشۈرۈشتە قوللانسا بولىدۇ، كارانتىن قىلىش تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن جىنايەت بېكىتكەندە پايدىلانسا بولىدۇ.

  ئۇندىن باشقا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. نىزام ئېلىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى تۇنجى مەمۇرىي بەلگىلىمە.

  نىزامدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت بىخەتەرلىكى، مەملىكەت بويىچە زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ئېچىش ۋە زور ئاممىۋى مەنپەئەت قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەستىقلاشنى باشقۇرۇشتىن باشقا تۈرلەر ئەنگە ئېلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جياڭ يوڭپىڭ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا پايدىلىق دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەستىقلاش مەمۇرىي ئىجازەت، ئەنگە ئېلىش ئۇنداق ئەمەس، ئەنگە ئېلىش كارخانىلار تورغا چىقىش ئارقىلىق بېجىرىدۇ. ئالاقىدار ئىسپاتلار توردا ماقۇللىنىلىدۇ، ئالاقىدار ماتېرىياللار تور ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىلىدۇ. بۇ كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ئىنتايىن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا مۇھىم نۇقتا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىشقا ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىشقا قارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر