باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قىسمەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى

2017.01.27 10:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى نازاربايېف 25- يانۋار، زۇڭتۇڭ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق تەڭشىلىش ھاسىل قىلىپ، ئۈچ تەرەپنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە زوڭتوڭنىڭ قىسمەن ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نەزەربايېف شۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ئىزاھلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، قازاقىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ھەمدە جەمئىيەت كۈندىن-كۈنگە مۇرەككەپلەشمەكتە، قازاقىستان رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنياۋى خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىنىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن زۇڭتۇڭ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش زۆرۈر.

  نەزەربايىف، ھوقۇقىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ بۇيرۇق ئىمزالاپ، تەييار قىلىنغان ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى پۈتۈن خەلقنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر