خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋېنجۇ شەھىرى ۋېنچېڭ ناھىيەسى بەيجاڭجى بازىرى داخۇي كەنتىدىكى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرماقتا. ۋېنجۇدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، 2-فېۋرال سائەت سەككىزلەردە، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرى ۋېنچېڭ ناھىيەسى بەيجاڭجى بازىرىدا بەش قەۋەتلىك ئۈچ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان. شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق تارماقلار قۇتقۇزۇشنى جىددىي قانات يايدۇرماقتا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى