- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2017.02.04 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 3-فېۋرال، ئىراننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ۋە «تېررورلۇقنى قوللاش» قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنىدىكى بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش دائىرىسى ئىراننىڭ ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد پىلانىنى قوللىغان ياكى قاتناشقان ھەمدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسىمى قارىمىقىدىكى «مۇقەددەس شەھەر بىرېگادىسى»نى قوللىغان شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ جازالانغانلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشى چەكلىنىدۇ.
ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاسام 2-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ئىران يادرو كېلىشىمى روھىغا خىلاپ ئەمەس، قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى بولمىغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر