- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چۇڭچىڭدا كىنو ئىجادكارلىرى كىچىك بازىرى تۈرى يولغا قويۇلدى
2017.02.04 17:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى كىنو ئاساسىي تېما قىلىنغان تۇنجى ئىجادكارلار كىچىك بازىرى تۈرى يېقىندا جيۇلوڭپو رايونىدا باشلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىنو ئىجادكارلار كىچىك بازىرى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ كىنوچىلىق كەسپى بويىچە «13ـ بەش يىللىق پىلان»دىكى نۇقتىلىق تۈر بولۇپ، بۇنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت كومىتېتى باشچىلىقىدا چوڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ-چۇڭچىڭ كەسىپلەر باغچىسى بىرلىشىپ قۇرغان. كىنو ئىجادكارلار كىچىك بازىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سالون كىنو مۇزېيى، كىنو ئاۋاز مۇزېيى، كىنو تەشۋىقات كۆرگەزمە رايونى، مەھسۇلات سودا رايونى، يىغىن مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فۇنكسىيەلىك رايونلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 30 كارخانا سىغىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر