باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 23 نومۇر پەرق بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى يەڭدى

2017.02.06 15:53   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 23 نومۇر پەرق بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: 5-فېۋرال كەچ، (2017-2016)-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ CBA دائىملىق مۇسابىقە 32-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 115 : 138 نەتىجە بىلەن فۇجيەن چۈەنجۇ بانكىسى كوماندىسىنى يەڭدى.

  مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئالتەيلەن 10 نومۇرنىڭ ئۈستىدە نومۇر ئالدى، ئادامس 39 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ، 11 پاس، ئۈچ كۆمتۈرۈپ سېلىش؛ بىلاتچې 21 نومۇر، سۈن توڭلىن 18 نومۇر، گاردىن قايتقان يەتتە توپ؛ جۇچى 16 نومۇر، گاردىن قايتقان توققۇز توپ، ئۈچ كۆمتۈرۈپ سېلىش؛ لى گېن 11 نومۇر، تۆت قېتىم توپ تارتىۋىلىش؛ لو شۈدوڭ 10 نومۇر تەقدىم ئەتتى. فۇجيەن كوماندىسى تەرەپتە بولسا، بايكىس 31 نومۇر، سەككىز پاس؛ چېن لىنجيەن 30 نومۇر، خۇاڭ يىچاۋ 27 نومۇر تەقدىم ئەتتى.

  بۇ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككى نومۇرلۇق توپ ئېتىپ چۈشۈرۈش نسبىتى %72 بولدى، گاردىن قايتقان توپتىمۇ 49:33 بولۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. فۇجيەن كوماندىسى پۈتۈن مۇسابىقىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 54 نى ئېتىپ، 22سى گارغا چۈشتى، گارغا چۈشۈش نىسبىتى %40.7 پىرسەنتكە يېتىپ باردى.

  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ تۇنجى قېتىم قارشى تەرەپنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى گارىغا شۇنچە كۆپ ئۈچ نومۇرلۇق توپ تاشلاپ كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدىغ…
    ·ساۋفىيديەن رايونىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قىسمەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەر…
    ·نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسل…
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى
    ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چىڭ تۇتۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ