باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىز نوپۇسى 1 مىليارد 420 مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ

2017.02.07 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 420 مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ، يىلىغا ئوتتۇرىچە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰6 ئەتراپىدا، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ جىنىس پەرقى نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 112دىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان «<13 ـ بەش يىللىق> مەملىكەتلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات نىشانى.

  ئىگىلىنىشىچە، «12ـبەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 5 ئەتراپىدا بولغان، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ جىنىس پەرقى نىسبىتى 117.94تىن 113.51گە تۆۋەنلىگەن، 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي نوپۇس 1 مىليارد 375 مىليون بولغان.

  13»ـ بەش يىل» مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەھەتتە، يىرىك پىلاندا ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارغا قاراش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن جامائەت مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ سىياسەت بويىچە پەرزەنت كۆرۈشكە ئىلھام بېرىشتەك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش رۇخسىتى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى، جورىسى تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش رۇخسىتى تەڭشىلەمدۇ قاتارلىق مۇكاپاتلاش تۈرىدىكى ئاراملار تەمىناتى كاپالىتىنى ئۇزارتىشنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش؛ مۇۋاپىق يېشىدا تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن ئىش ئورنىغا قايتىشىنى قوللاپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق تەدبىرلەرنى تۈزۈشىگە ئىلھاملاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر