باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى نۇسخىدىكى جۇڭگو «يېشىل كارتا»سى بۇ يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

2017.02.07 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 18- كۈنى، بېيجىڭ پايتەخت پولات تۆمۈر گۇرۇھى كوماندىسىنىڭ ئامېرىكىلىق ياردەمچىسى مابۇلى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللىكلەر مەڭگۈلۈك تۇرۇش كىنىشكىسىگە ئېرىشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 20 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىلەن بىرلىكتە، چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈ تۇرۇش گۇۋاھنامىسى توغرىسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق ئېلىپ بارغان ھەمدە گۇۋاھنامىنىڭ قولايلىق بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەڭگۈ تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن. يېڭى نۇسخىدىكى گۇۋاھنامە بۇ يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ قولايلىقلىشىپ، جۇڭگو «يېشىل كارتا»سىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن .

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىنىشىچە، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىش ۋىزىسى، چېگرادىن كىرىش-چىقىش، ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەر يەنە ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى 87 پورتتا ۋىزا نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، 15 شەھەردە بىر قىسىم دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ئۆتۈدىغانلاردىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان. جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق رايونلاردا بىر قىسىم دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ 144 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ئۆتىدىغانلاردىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان... 2016- يىلى، چېگرادىن كىرگەن ۋە چىققان چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ سانى 56 مىليون 530 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، 2015- يىلىدىكىدىن %8.89 كۆپەيگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر