خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى) «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش 1000 كىشلىك مەشرەپ ۋە مەدىنيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «قۇمدىيار» خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پائاليەتتە ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، باشقۇرۇش رايونىدىكى ھۈنەرۋەنلەر ئېلىپ كەلگەن مەدىنيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى، ناھىيەلىك ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى، «تۆمۈر چوققا» ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ۋە ناھىيە بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما كوللېكتىپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، چاغاننىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.
سۈرەتتە: پائاليەتتىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى