باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساۋفىيديەن رايونىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ

ھەر بىر مەكتەپنىڭ 3000 مو يەرنى ھەقسىز ئىشلىتىپ مەكتەپ قۇرۇشىغا بولىدۇ

2017.02.04 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى ساۋفېيديەن رايونى «پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى راۋانلاشتۇرۇش مەركەزلىك كۆتۈرۈش رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، تاڭشەن قولتۇقى ئېكولوگىيە شەھىرىدە پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى راۋانلاشتۇرۇش مەركەزلىك كۆتۈرۈش رايونى بولغان سۇخې مائارىپ رايونى قۇرۇپ، بېيجىڭدىكى مەركەزلىك يۆتكەلگەن ئالىي مەكتەپلەرنى يەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، يېڭىدىن مەكتەپ قۇرۇشقا ھەر بىر مەكتەپكە 2000 مودىن 3000 موغىچە يەر بېرىپ، 2020-يىلغىچە بېيجىڭدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىدىن ئىككىدىن ئۈچكىچە مەكتەپنى ساۋفېيديەندە شۆبە مەكتەپ ۋە ئىنستىتوتلارنى قۇرۇشقا جەلپ قىلىش پىلانلاندى.

  پىلان ئىچىدىكى سۇخې مائارىپ رايونى سۇخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي جۇڭگو سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ساۋفىيديەن خەلقئارا كەسپىي مائارىپ شەھەرچىسى بىلەن قوشنا، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 16.48 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز ساھىلى ياكى دېڭىز تىندۇرۇلۇپ شەكىللەنگەن قۇرۇقلۇققا تەۋە. پىلانغا ئاساسەن، باغچا رايونى سەككىزدىن 12گىچە ئالىي مەكتەپنى سىغدۇرالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سۇخې دەرياسىنىڭ شەرقىدە يەنە 30 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇلۇش يېرى كېيىنكى ئېھتىياج ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر