خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا ئاياغلاشقان 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ «كەلگۈسىدىكى چولپان» قىش پەسىللىك قۇياش نۇرى تەنتەربىيە يىغىنىدىن خوش خەۋەر تارقالدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بايىنغولىن ئوبلاستىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ ۋە كورلا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ زەپەر پۇتبول كۇلۇبىدىكى كىچىك ماھىرلار ئايرىم-ئايرىم قارلىق مەيدان پۇتبول تۈرىنىڭ شىنجاڭ قىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئىككىنچىلىككە، ئوغۇللار گۇرۇپپىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. قىزلارنىڭ بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى تۈرىدە بايىنغولىن ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسى 1-لىككە ئېرىشتى.
2017-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ «كەلگۈسىدىكى چولپان» قىش پەسىللىك قۇياش نۇرى تەنتەربىيە يىغىنى شىنجاڭ يىغىن مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ دالا تەنتەربىيە پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سانجى ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى تەڭرىتاغ بۇغدا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلار گۇرۇپپىسى ۋە كورلا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ زەپەر پۇتبول كۇلۇبىدىكى ئوغۇللار گۇرۇپپىسى بايىنغولىن ئوبلاستىغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارلىق مەيدان پۇتبول تۈرىگە قاتناشتى. ئىگىلىنىشچە، 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ «كەلگۈسىدىكى چولپان» قىش پەسىللىك قۇياش نۇرى تەنتەربىيە يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ دالا تەنتەربىيەسى پائالىيىتىگە 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن 37 كوماندا، 365 نەپەر ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى قاتناشقان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قارلىق مەيدان پۇتبولى، قار تېيىلىش، قەغەز ئايرۇپىلان ياساپ ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى، چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق يەتتە تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ «كەلگۈسىدىكى چولپان» قىش پەسىللىك قۇياش نۇرى تەنتەربىيە يىغىنى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر قىش پەسىللىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرىسال تەنتەربىيە پائالىيىتى بولۇپ، «3000 مىليون ئادەم بۇ قېتىمقى قار-مۇز پائالىيىتىگە قاتناشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى