باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى بۆلۈپ قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى

2017.02.06 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى يېقىندا «بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت تەكشۈرۈش تەپسىلىي پىرىنسىپى ( 2017- يىل نەشرى)»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى بۆلۈپ قاچىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى، بوۋاقلارنىڭ چوڭ ئورالما-قاچىلانمىلىق قوشۇمچە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەمدە بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى سېتىشتىكى چوڭ ئورالما-قاچىلانمىلىق قوشۇمچە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بېرىلمەسلىك تەلەپ قىلىندى.

  مەزكۇر پىرىنسىپنىڭ تەپسىلاتىدا بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت تەلىپىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  مەزكۇر پىرىنسىپنىڭ تەپسىلاتىدا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ خام ئەشيانى زاۋۇتقا كىرگۈزۈشىدىن تارتىپ تاكى زاۋۇتتىن چىقىرىشىغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىرىدا سۈپەتنى كونترول قىلىشنى يولغا قويۇش، سۈپەت باشقۇرۇش تەلىپىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، مۇھىتى ۋە زاۋۇت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا ئائىت بەلگىلىمىلىرىنى ئېنىق قىلىش، بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان تەلەپنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيال باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تەكىتلەش كېرەك.

  مەزكۇر پىرىنسىپنىڭ تەپسىلاتىدا يەنە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ماددىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، دەسلەپكى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ماتېرىياللىرى ئارىسىدا زىيانلىق ماددىلار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ماددىلارغا زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، تەركىبىدە مېلامىن سۈت بولغان خام ئەشيالارغا مېلامىن قاتارلىق تۈرلەرنىڭ لاياقەتلىك دوكلاتىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر