باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ چېھرىنى خۇشاللىق، قەلبىنى مىننەتدارلىق قاپلىدى

2017.02.06 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر ساھە ئاممىسىغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ئەكىس ئەتتۈرلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى ئىشەنچ، ئۈمىدۋارلىق ۋە خۇشاللىق جىلۋىسىنى نۇرلاندۇرۇپ، قەلبىدىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۇلغايتتى.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چۈرۈچ كەنتىدىكى دېھقان ئەركىن سۇلايمان 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تەشۋىقاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تولىمۇ خۇشاللىق ئىلكىدە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ ئاممىغا زور ئىشەنچ، ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان سىياسەت، تەدبىرلىرى كۈندىن-كۈنىگە كۆپىيىۋاتىدۇ. مەن بۈگۈن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىز دېھقانلار ئۈچۈن يولغا قويغان ھەقسىز ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك سىياسىتىنى ئاڭلاپ خۇشاللىق، ھاياجاندىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم.

  يوپۇغا ناھىيەسىدە يېقىندىن بۇيان دېھقان ئەركىن سۇلايمانغا ئوخشاش 170 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىدىن چەكسىز خۇشال بولدى.

  يوپۇغا ناھىيەسى «دېھقانلار كەچ كۇرسى» داۋامىدا ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنتلەردىكى ئاممىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى توققۇز تۈرلۈك سىياسىتى ۋە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ «ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «مەمۇرىي مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى رادىيودا ئاڭلىتىش، تېلېۋىزوردا قويۇش ۋە كۆپەيتىپ دېھقانلارغا تارقىتىپ بىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋۇجۇدىنى خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق ھېس-تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر