باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول تېخىمۇ ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى

2017.02.04 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرىدە بايرام مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ داستىخانىدا كالا قوي گۆشى يېمەكلىكلىرى كەم بولمايدۇ، ئەمما ھازىر بىر بەلباغ بىر يولنىڭ تۈرتكىسىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم ئورنىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داستىخىنىدىكى يېمەكلىك تۈرى بارغانسېرى موللاشتى.

  شەندۇڭلۇق يىگىت جاڭ يەنچاڭ ئۈرۈمچى خەيخوڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كوچىسىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش سودىسى قىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى يۇرتىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساتىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۈرۈمچى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، بۇ يەردىكىلەر ئىلگىرى پەقەت چاغاندىلا بېلىق يېيەلەيدىكەندۇق، ئەمما ھازىر كۈندە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئالىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ.

  بۇ يىل چاغاندا جاڭ يەنچاڭنىڭ دۇكىنىدا سودا ناھايىتى ياخشى بولدى، ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار بەس بەستە كېلىپ توپ ئالىدىغان، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ دائىم سېتىۋالىدىغان بولدى، « راك ۋە بېلىقنى پارچە سېتىۋالىدىغانلار ، يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە ۋە سەدەپ قۇلۇلىسىنى توپ سېتىۋالىدىغانلار بىرئاز كۆپ. دېدى جاڭ يەنچاڭ.ئۇنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدا كىرىمى ياخشى بولغانلىقتىن ئۈرۈمچىدىنمۇ ئۆي ئېلىپ ئورۇنلىشىۋالغان ئىدى.

  چاغانلىق ئۇزاق ئارام ئېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، گۈەن جۈنپېڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كاۋاپخانىسى يەنىلا ئاۋات ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆزى كىرگۈزەتتى، شۇڭا ئۇ خېرىدارلارنىڭ ئاغزىغا نېمىنىڭ ياخشى تېتىيدىغانلىقىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئادەتتە سېتىش مىقدارىغا قاراپ قانچىلىك مال كىرگۈزىدىغانلىقىمنى بېكىتىمەن، يېقىنقى بۇ ئىككى يىلدا دۇكاندىكى يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە، راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولدى، مەن يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش قېتىم سانىنىمۇ بارغانسېرى كۆپەيتتىم.

  ئاسىلبېك ھۈسەيىنغازى بىلەن جەن شۆمېينىڭ ئۈرۈمچى خەيخوڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كوچىسىدىكى دۇكىنى بىرى بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ، بىرى قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ساتىدۇ، يەنە بىرى گىرۇزىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان قىزىل ھاراق ساتىدۇ، جەن شۆمېي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاغانلىق مال سېتىۋالىدىغانلار ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ قەنت گېزەك، ئۇن دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە مېنىڭ دۇكىنىمغا كېلىپ قىزىل ھاراق سېتىۋالىدۇ، بىز بىر بىرىمىزگە پايدا يەتكۈزىمىز، ناھايىتى كۆپ خېرىدارلار دۇكىنىمدىكى قىزىل ھاراقلارنى تېتىپ باققاندىن كېيىن تەمى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىقكەن دەپ بىر قېتىمدىلا نەچچە بوتۇلكا سېتىۋالىدۇ، شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خېرىدارلىرىممۇ مۇقىملىشىپ قالدى.

  قازاق ئاسىلبېك ھۇسەيىنغازى ئىلگىرى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، قازاقىستانغا جۇڭگونىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان ئىدى، بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى يېمەكلىك ئىمپورت سودىسىغا ئۆتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: قازاقىستاننىڭ يېمەكلىكلىرى تەبىئىي، يېشىل، ساغلاملىققا پايدىلىق، شۇڭا نۇرغۇن ئىستېمالچىلار ياقتۇرىدۇ، چاغان مەزگىلىدە ئۇن، ماي، قەنت گېزەك ۋە ئىچىملىكلەر ناھايىتى ياخشى سېتىلدى، بەزى ماللار سېتىلىپ بولدى، بەزى يېمەكلىكلەرنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، تيەنجىن، شىئەن قاتارلىق جايلاردا ساتتىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر