باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز2020-يىلىغىچە شەھەر-بازار پاسكىنا سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2017.02.04 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان «مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازار پاسكىنا سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھاسىلىي پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى»دا 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىز شەھەر-بازار پاسكىنا سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شەھەرلەرنىڭ پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %95كە يەتكۈزۈلىدۇ، دېيىلدى.

  بۇ پىلاندا يەنە مۇنداق دېيىلدى: 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەرلەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىدا %30تىن، سۇ قىس شەھەرلەردە ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %20تىن تۆۋەن بولمايدۇ، باشقا شەھەرلەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا تىرىشىپ %15كە يەتكۈزۈلىدۇ.

  پىلاندا مۇنداق دېيىلدى: 13-بەش يىلدا پاسكىنا سۇ تۇربىسىدىن 125 مىڭ 900 كىلومېتىر كۆپەيتىلىدۇ، كونا پاسكىنا سۇ تۇربىسىدىن 27 مىڭ 700 كىلومېتىر رېمونت قىلىنىدۇ، قوشۇلۇپ ئاقىدىغان تۇربىدىن 28 مىڭ 800 كىلومېتىر رېمونت قىلىنىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆلىمى كۈنىگە 50 مىليون 220 مىڭ كۇب مېتىرغا، قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەن پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى كۆلىمى كۈنىگە 42 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان شەھەر-بازارلار چىقىرىندى سۇ ۋە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر