باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا ئۈمىدۋار قارايدۇ

2017.02.04 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف 31-يانۋار «قازاقىستاننىڭ ئۈچىنچى باسقۇچتىكى تەرەققىيات پىروگراممىسى: دۆلەت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش» ھەققىدىكى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا يەر شارى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنقى بەش ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دوناي بىر نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلاب دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، قازاقىستان يەر شارى بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېپ يېڭى قېلىپىنى ئورنىتىشى كېرەك، قازاقىستان جۇڭگو بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى مۇھىم دۆلەت، نەزەربايېفنىڭ سۆزىدىن ئۇنىڭ قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئايان بولدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 9-ئايدا قازاقىستاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدى، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئورتاق تۆزگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى تۈر تىزىملىكى 51تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جەمئىي 26 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىدا ئىش باشلاندى ياكى تاماملاندى.

  مۇخبىر قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن قازاقىستان جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى زىيارەت قىلدى، بۇ تۈرلەر قازاقىستاننىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى پۇقرالار ئۈچۈنمۇ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، قازاقىستاندىكى تۇنجى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى بىردىن بىر ئېلېكتىرولىز ئاليۇمىن زاۋۇتى ــ پابلودار ئېلېكتىرولىز ئاليۇمىن زاۋۇتىنى جۇڭگو رەڭلىك مېتال قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى لايىھەلەپ قۇرغان، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۈسكۈنىلەر جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن. بۇ زاۋۇتقا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يىللىق ئېلېكتىرولىز ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 250مىڭ توننا، بۇ زاۋۇت ئىشقا كىرىشكەن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ياخشى كېتىپ بارىدۇ.

  قازاقىستاندىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قاراماي زاۋۇتى ــ ئاقتاۋ قاراماي زاۋۇتىغا جۇڭگو جۇڭشىن گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتى تەڭ مەبلەغ سالغان، 2013-يىلى پۈتتۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇمۇ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى زامانىۋى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى. ئۇ قازاقىستاندا %90گە يېقىن قاراماينى ئىمپورت قىلىش قېلىپىنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى قازاقىستاندىكى پۈتكۈل تاشيول قۇرۇلۇشى تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قاراماي زاۋۇتى شۇ جايغا نەچچە مىڭ خىزمەت ئورنى ياراتتى، بۇ زاۋۇتنىڭ مەمۇرىي كادىرلار ئىشلىرى مۇدىرى بايپاكوف مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: زاۋۇتنىڭ تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىسى جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن، مەشغۇلات جەھەتتە ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەن، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارمۇ قازاقىستان بازىرىدا ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى، ئۇ : زاۋۇت شۇ جايدىكى شېرىك كارخانىلار ئۈچۈن ئۈلگە بولدى دېدى.

  قۇستاناي جياڭخۇەي ئاپتوموبىل تۈرى بازىرى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، 2015-يىلى 3-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسى جياڭخۈەي گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇشقا ھوقۇق بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، شۇنىڭدىن كېيىن جياڭخۈەي ئاپتوموبىلى قازاقىستاننىڭ ئۆز مەھسۇلاتى سۈپىتىدە قازاقىستاندا قۇراشتۇرۇپ سېتىلىدىغان بولدى، 2016-يىلى جياڭخۈەي ئاپتوموبىلىنىڭ قازاقىستاندا سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %500 ئېشىپ كەتتى.

  جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئورنى قازاقىستاندا تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، زۇڭتۇڭ نەزەربايېف يۇقىرىقى ئۈچ زاۋۇتنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە بۇ قېتىمقى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا مەخسۇس جياڭخۈەي ئاپتوموبىل تۈرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋەكىللىك تۈرى دەپ ئاتىدى.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، قازاقىستان قازاقىستان جۇڭگو ھەمكارلىقى خەلقئارا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى قاۋۇقنوۋا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قازاقىستان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئاستىدىكى نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرلىرى قازاقىستاننىڭ پارلاق يول يېڭى ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنىڭ كونكېرت ئىپادىسى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، قازاقىستان ھەققانىيەت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى قۇرۇمبايېف مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرى جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، قازاقىستانغىمۇ مەبلەغ، تېخنىكا، تەجرىبە ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئەھمىيىتى زور، ئىشىنىمەنكى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر