باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان قويۇق مەدەنىيەت تۈسى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

2017.02.04 17:13   مەنبە: خەلق تورى

چاغان قويۇق مەدەنىيەت تۈسى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: كۈتۈپخانىدا «ئۆزىگە توك قاچىلاش»، بايراملىق گۈل-قىيما قىيىش، كۈلدۈرگە ئاڭلاش... بۇ چاغاندا نۇرغۇنلىغان كىشى كۈتۈپخانا، مۇزېي، تىياتىرخانىلارغا كىرىپ، ئوخشىمىغان تۈستىكى مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، چاغاندىكى مول مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىدىن ئىلھام ئالدى.

  10 مىڭدەك كىشى كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆردى
  چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈبخانا، تېببىي ئىنستىتۇتى يولىدىكى پەن-تېخنىكا سارىيى، مېھمان كۈتۈش يولى ئاۋخۇا مەھەللىسىدىكى ۋە مېھمان كۈتۈش يولى شەرقىي 3- كوچىسى يىنيا مەھەللىسىدىكى ئۈچ تارماق كۈتۈپخانا تولۇق ئېچىۋېتىلدى، بۇ يەرلەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «كىتابخانىسى» بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: «بايرامنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئالتىنچى كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانا سىرتقا ئېچىۋەتكەن ئۈچ تارماق كۈتۈپخانىسى ۋە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى 140 ئوبورۇت بېكىتى جەمئىي 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالغان.»

  مۇزېي باي ۋە مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى
  31-يانۋار، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېينىڭ بىرىنچى قەۋەت زالىدا «چاغانلىق كەيپىيات يارىتىش، گۈل-قىيما قىيىش- چاپلاش پائالىيىتى» 20 نەچچە كىچىك دوستنى جەلپ قىلدى، مۇزېينىڭ خىزمەتچىسى كىچىك دوستلارغا قەغەز گۈل- قىيمىنىڭ كېلىش تارىخى، تەرەققىياتى ۋە قەغەز قىيىشتىكى ماھارەتنى سۆزلەپ بەردى.

  مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەردىن باشقا، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېي چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 7000دىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  ئەلنەغمە كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ياخشى بايرام كەيپىياتى ھازىرلىدى
  «ئوڭۇشسىز سەپەر»--- شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىزىقارلىق ئېپىزوت، بۇ ئېپىزوتتا ئۇلار ‹لەغمەن›گە ئوخشاش شىنجاڭلىقلارنىڭ تىپىك سىمۋوللۇق شەيئىلىرىنى مىسالغا ئېلىپ ۋە ئۇنى يۇمۇرىستىك ‹شىنجاڭ شىۋىسى› بىلەن بايان قىلىپ كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈپ، ئۇلارغا خۇشال بايرام كەيپىياتى ئاتا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قىسمەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەر…
    ·نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسل…
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى
    ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چىڭ تۇتۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ
    ·قىزىل راۋاقتىكى چۈش كىلاسسىك ئەسىرى2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى بېيجىڭ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ زۆر…
    ·2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك …